سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئايلىق نىسبەتتە % 0.1، يىللىق نىسبەتتە % 8.8 ئاشتى.

1620204
سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئاپرېل ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك  سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى دوكلاتىغا قارىغاندا، ئاپرېلدا كالىندار تەڭشەلگەن سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 8.8 ئاشقان، يىللىق نىسبەتتە بولسا % 5.71 ئاشقان.

ساناھەت ساھەسىنىڭ تۆۋەن تارماقلىرى تەكشۈرۈلگەندە، ئاپرېلدا كانچىلىق ۋە كان مەھسۇلاتلىرى ساھەسى كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 15.9، ياسىمىچىلىق ساھەسى كۆرسەتكۈچى بولسا % 9.3 ئاشقان.

پەسىل ۋە كالىندار تەڭشەلگەن سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى بولسا، ئاپرېلدا يانۋار ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا % 0.1 ئاشقان.

يەنە بىر تەرەپتىن، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، تۈركىيەنىڭ ئاپرېل ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى داۋاملىق ئاشماقتا، ئاپرېل ئېيىدا يىللىق نىسبەتتتە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان 20 – گ گۇرۇھى دۆلەتلىرىدىن بىرى بولدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر