تۇنجى تۈركۈمدىكى رۇس ساياھەتچىلەر مۇغلاغا كەلدى

تۇنجى تۈركۈمدىكى رۇس ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان ئايروپىلان مۇغلادىكى بودرۇم ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

1619684
تۇنجى تۈركۈمدىكى رۇس ساياھەتچىلەر مۇغلاغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىن 2012 يولۇچى بىلەن بىرلىكتە قوزغالغان ئايروپىلان، كەچ تەرەپلەردە مۇغلادىكى مىلاس – بودرۇم ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

رۇس ساياھەتچىلەر، بۇ مەۋسۇمدا تۇنجى قېتىم ئۆمەك ھالىتىدە كەلگەنلىكلىچى ئۈچۈن، ئايروپىلان قونۇش مەيدانىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى تەرىپىدىن «سۇ زىبۇزىننەتلىرى» نومۇرلىرى ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

 ئايروپىلاندىن چۈشكەن رۇس ساياھەتچىلار، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ساياھەت قىلىدىغان بودرۇم ناھىيەسىگە كېتىش ئۈچۈن ئايرودۇرۇمدىن ئايرىلدى.

تاۋ مىلاس – بودرۇم ئايرودۇرۇمى باش دىرېكتورى ئىجلال قايائوغلۇ، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ساياھەت پەسلىسىنىڭ تۇنجى تاشقى لىنىيە ئۇچۇشىنى قارشى ئالغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۈمىدلىك ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ پەسىلدە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ساياھەتچىلەر سانىنىڭ بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا ئېشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر