تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئۇچۇش سانىدا ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى رەتتە

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە 797 قېتىملىق ئۇچۇش سانى بىلەن ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى رەتتىكى ئورنىنى ساقلاپ قالدى.

1615113
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئۇچۇش سانىدا ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى رەتتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئاۋىياسىيە يول باشلاش بىخەتەرلىك تەشكىلاتى (EUROCONTROL) نىڭ، 29 – مارتتىن 4 – ئاپرېلغىچە بولغان ئايروپىلان سەپەرلىرىگە ئالاقىدار دوكلاتىغا قارىغاندا، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 797 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپادىكى رەقىبلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

تىزىملىكتە، بىرىنچى رەتكە تىزىلغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىدىن قالسا،  كۈنىگە 382 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن Air Lufthansa  شىركىتى ئىككىنچى رەتكە، كۈنىگە 380 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن فىرانسىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 3 - رەتكە، كۈنىگە 312 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن Ryanair شىركىتى 4 – رەتكە، پېگاسۇس ئاۋىياتسىيە شىركىتى كۈنىگە 297 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن 5 – رەتكە، KLM Royal Airline  كۈنىگە  272 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن 6 – رەتكە تىلغان.

بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا،  – مارتتىن 4 – ئاپرېلغىچە بولغان 76 مىڭ 477 قېتىملىق ئۇچۇش ئىشقا ئاشقان، شۇنىڭ بىلەن، ھاۋا قاتنشى % 3.5 ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر