ئىقتىسادىي ئىسلاھات ھەرىكەت پىلانىنىڭ ۋاقىت جەدۋېلى ئېلان قىلىندى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 12-مارت ئېلان قىلغان، «ئىقتىسادىي ئىسلاھات ھەرىكەت پىلانى» نىڭ ۋاقىت جەدۋېلىگە مۇناسىۋەتلىك پىلان- لايىھەلەر ئېنىق بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 12-مارت (2021) ئېلان قىلغان، ئىقتىسادىي سېلىنما، ئىشلەپچىقىرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىقتىسادىي ئېشىشقا قارىتىلغان «ئىقتىسادىي ئىسلاھات ھەرىكەت پىلانى» نىڭ ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلار ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ پىلان- لايىھەلىرى ئېنىق بولدى.
خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى لۈتفى ئەلۋان تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلىرىمىزنىڭ ۋاقىت جەدۋېلىنى ئاخىرلاشتۇردۇق. مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدىن بۇنى كۆرەلەيسىلەر» دېدى.
ھەرىكەت پىلانى ئاساسلىقى 10 تېمىدىن تەركىپ تاپىدىغان بولۇپ، 850 مىڭ سودا-تېجارەتچىدىن باج كەچۈرۈم قىلىش قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر يىل (2021) ئاخىرىغىچە ئاخىرلىشىدۇ. 30-ئىيۇنغىچە دۆلەت ئورگانلىرىدا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش خىراجەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلىدۇ.18 ياشتىن تۆۋەن خۇسۇسىي پېنسىيە سىستېمىسىغا قوشۇلغان خىزمەتلەرمۇ ئاخىرلىشىدۇ. باھانى مۇقىملاشتۇرۇش كومىتېتىمۇ 30-ئىيۇنغىچە قۇرۇلىدۇ.
مەركىزىي بانكاسى دىجىتال پۇلنىڭ ئىقتىسادىي، تېخنولوگىيە ۋە قانۇنى ئۇلى، يىل ئاخىرىغىچە ئاخىرلىشىدۇ.
ئىقتىسادىي ئىسلاھات ھەرىكەت پىلانىنىڭ ۋاقىت جەدۋېلى بويىچە، ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانىدىكى بارلىق ھەرىكەتلەر 2023-يىلىنىڭ مارت ئېيىغىچە ئاخىرلىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.