ئەزەربەيجاندا يېڭى تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى

تەبىئىي گاز ۋە كوندېنسات زاپىسى كاسپىي دېڭىزىنىڭ ئەزەربەيجانغا تەۋە قىسمىدىكى «شافاق-ئاسىمان» رايونىدىكى قېدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا تەبىئىي گاز ۋە كوندېنسات زاپىسى بايقالدى.

1607757
ئەزەربەيجاندا يېڭى تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت نېفىت شىركىتى (SOCAR) نىڭ باياناتىغا قارىغاندا، شافاق – ئاسىمان رايونىنىڭ 7189 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدا تەبىئىي گاز ۋە كوندېنسات زاپىسى بايقالغان.

باياناتتا، بايقالغان مەزكۇر تەبىئىي بايلىقنىڭ مىقدارىنى ئېنىق بېكىتىپ چىقىش ئۈچۈن قوشۇمچە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پايتەخت باكۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 125 كىلومىتىر كېلىدىغان «شافاق- ئاسىمان» رايونىنىڭ يۈز ئۆلچىمى 1100 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

دېڭىز چوڭقۇرلۇقى 650 بىلەن 800 مېتىر ئارىلىقىدا بولغان مەزكۇر رايوندىكى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى SOCAR بىلەن ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى (BP) ئېلىپ بارماقتا.

SOCAR بىلەن BP 2010- يىلى «شافاق-ئاسىمان» رايونىدا ئورتاق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر