Fitch Ratings تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى يۈكسەلدۈردى

خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Fitch Ratings تۈركىيەنىڭ 2021 – 2022 – يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى يۈكسەلدۈردى.

1603479
Fitch Ratings تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى يۈكسەلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Fitch Ratings نىڭ  «يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادقا نەزەر» ناملىق دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ 2021 – يىلى % 6.7، 2022 – يىلى بولسا % 4.7 تەرەققىي قىلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Fitch Ratings، 2020 – يىلى دېكابىردا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ 2021 – يىلى % 3.5، 2022 – يىلى % 4.5 تەرەققىي قىلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

Fitch Ratings نىڭ دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كۈچلۈك ئىقتىسادىي ياردەم ۋە كىرېدىتلارنىڭ، 2020 – يىلى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى زورايتقانلىقى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، تۈركىيەدە پۇل پاخاللىقىنىڭ 2021 –يىلنىڭ ئاخىرلىرى % 11.5 كە، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى بولسا  % 9.2 كە تۆۋەنلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر