ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات كونفېرانسى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى يۈكسەلدۈردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كونفېرانسى (UNCTAD)، تۈركىيەنىڭ 2021 – يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى % 2,4 تىن% 4 كە يۈكسەلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كونفېرانسى، يەر شارى خاراكتېرلىك سودا ۋە تەرەققىيات مۇساپىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ 2021 – يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنىڭ % 2,4 تىن% 4 كە يۈكسەلدۈرۈلگەنلىكى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، دۆلەتنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرى بولسا، ئۆز پېتى % 4 تە قالدۇرۇلدى.
خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Fitch Ratings، 2020 – يىلى دېكابىردا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ 2021 – يىلى % 3.5، 2022 – يىلى % 4.5 تەرەققىي قىلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
Fitch Ratings نىڭ دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
كۈچلۈك ئىقتىسادىي ياردەم ۋە كىرېدىتلارنىڭ، 2020 – يىلى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى زورايتقانلىقى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، تۈركىيەدە پۇل پاخاللىقىنىڭ 2021 –يىلنىڭ ئاخىرلىرى % 11.5 كە، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى بولسا % 9.2 كە تۆۋەنلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.