تۈركىيە 2020-يىلى 900 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلغان
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2020-يىلى تۈركىيەدىن بەش قىتئەدىكى 180 دۆلەتكە 900 مڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا «فورد ئوتوسان كەلگۈسىدىكى پىلان يىغىنى» دا سۆز قىلدى.
ئۇ: « تۈركىيە كەلگۈسى ئاپتوموبىل سانائىتىدە توك ئاپتوموبىل ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولىدۇ. ئۆتكەن يىلى (2020) بەش قىتئەدىكى 180 دۆلەتكە 900 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلدۇق. فورد ئاپتوموبىل شىركىتى ئېكسپورت ئىقتىدارى بىلەن بۇ سېلىنمىسى ئارقىلىق قىزىل رەقەم تەڭپۇڭلۇقىمىزغا مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشىدۇ» دېدى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل لايىھەسىنىڭ تېز سۈرئەتتە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىنشائاللاھ دەسلەپكى ئىشلەپچىقرىلغان ئاپتوموبىللارنى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا زاۋۇتتىن چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئالدىمىزدىكى 10 يىلدا توك ئاپتوموبىل ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سودا ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىشتا ياۋروپادا باشلامچى، دۇنيادا ئالدىنقى بەش دۆلەتنىڭ بىرسى بولۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز» دېدى.
ئۇ تۈركىيەنى دۇنيادىكى مۇھىم باتارىيە ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرۇشتا قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.