يىلنىڭ ئىككى ئېيىدا چاي ئېكسپورتى ئاشتى

يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا چاي ئېكسپورتىدىن 3 مىليون 133 مىڭ دوللار كىرىم قىلىندى.

1601518
يىلنىڭ ئىككى ئېيىدا چاي ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا چاي ئېكسپورتىدىن 3 مىليون 133 مىڭ دوللار كىرىم قىلىندى.

شەرقىي قارا دېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى يانۋار ۋە فېۋرال ئايلىرىدا 72 دۆلەتكە 785 توننا چاي ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 3 مىليون 133 مىڭ 816 دوللار كىرىم قىلىنغان.

بېلگىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا ئەڭ كۆپ چاي ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر بولغان. يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا بېلگىيەگە 1 مىليون 308 مىڭ 677 دوللار، گېرمانىيەگە 300 مىڭ 244 دوللار ۋە ئامېرىكاغا 233 مىڭ 972 دوللار قىممىتىدە چاي ئېكسپورت قىلىنغان.

يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئايلىق چاي ئېكسپورتىنىڭ ئۆتكەن يىلى (2020) دىكى چاي ئېكسپورتىدىن پەرقى شۇكى، ئاۋستىرىيە، لىۋان، رۇمېنىيە، قىرغىزىستان، ئۇگاندا، موڭغولىيە، ئالجىرىيە، كىرودىيە، مىسىر، گابون، يېڭى زېلاندىيە، لىبېرىيە، بەھرەين، پاراگۋاي، بېنىن، فىلىپپىن، ماۋرىتانىيە، پاناما، ئىسپانىيە، سېربىيە ۋە سېنېگال قاتارلىق دۆلەتلەرگە چاي ئېكسپورت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر