تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىشى مۇمكىن

ئەنگلىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دومىنىڭ چىلكوت (Dominick Chilcott) يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

1599890
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى ئىنتېرنېتتا «تۈركىيە-ئەنگلىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى مەلۇمات بېرىش يىغىنى» ئۆتكۈزدى. يىغىنغا، ئەنگلىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چىلكوتتىن باشقا، تۈركىيە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى رىفات ھىسارجىكئوغلۇ، ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى داۋىد ماشىن ۋە مىنىستىرلىق ۋەكىللىرى قاتناشتى.

چىلكوت يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا: «تۈركىيە-ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋر باشلىنىدۇ. ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئالدىمىزدىكى يىللاردا يېڭى سەۋىيەلەرگە چىقىدۇ دەپ ئويلايمەن. ھەتتا يېقىن كەلگۈسىدە يېڭى ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك سودا كېلىشىملىرى ئىمزالىنىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن» دېدى.

ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئەركىن سودا كېلىشىمى ئۈستىدە توختىلىپ، كېلىشىمنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر سودا شېرىكىلىكى مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى ماشىن تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئۆزئارا سېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ ئاشقان ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر