ۋۇخەن ۋىرۇسى ئىتالىيەدە كەمبەغەللىكنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان

ئىتالىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتى ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى 2008-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىستىن تېخىمۇ ئېغىر كەمبەغەللىككە سەۋەب بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1595564
ۋۇخەن ۋىرۇسى ئىتالىيەدە كەمبەغەللىكنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر قىلغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ ئەڭ  ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان ئىتالىيەدە كەمبەغەللىك يېقىنقى 15 يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقتى.

ئىتالىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتى 2020-يىللىق كەمبەغەللىك رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى.

ئىتالىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە نوپۇسىنىڭ %9.9 گە توغرا كېلىدىغا 5.6 مىليون كىشى «مۇتلەق كەمبەغەللىك چېكى» نىڭ ئاستىدا ياشايدىغان بولۇپ، بۇ سان 2020-يىلىدا 2005-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىققان رەقەم بولغان.

مۇتلەق كەمبەغەللىك چېكى ئاستىدىكى ئائىلىلەرنىڭ نىسبىتى 2019-يىلىدا %6.4 بولغان بولسا، 2020-يىلى %7.7 بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر