تۈركىيە 2020-يىلىنى ئىقتىسادىي ئېشىش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى لۈتفۈ ئەلۋان تۈركىيەنىڭ ۋابا پارتلىغان 2020-يىلىنى ئىقتىسادىي ئېشىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان دۆلەتلەردىن بىرى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1592720
تۈركىيە 2020-يىلىنى ئىقتىسادىي ئېشىش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈركىيەنىڭ 4-چارەك ۋە 2020-يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2020-يىلى %1.8 ئاشقان. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2020-يىلنىڭ تۆتىنچى چارىكىدە ئۆتكەن يىلى (2019) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %5.9 ئاشقان.

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى لۈتفۈ ئەلۋان 2020-يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش رەقەملىرى توغرىسىدا: «ۋابا پارتلىغان 2020-يىلىنى ئىقتىسادىي ئېشىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان ساناقلىق دۆلەتلەردىن بىرى بولدۇق» دېدى.

ئۇ تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «2021-يىلى باھا مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىمىز. پۇل پاخاللىقىغا قارشى يولغا قويىدىغان سىياسەتلىرىمىز، تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە سىجىل مەبلەغ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادىي ئېشىش يولىنى ئاچىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر