تۈركىيەنىڭ ئانار ئېكسپورت سودىسى رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئۆتكەن يىلى 75 دۆلەتكە ئانار ئېكسپورت قىلدى.

1589815
تۈركىيەنىڭ ئانار ئېكسپورت سودىسى رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەگە ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئانار ئېكىسپورت سودىسىدا ئالدىنقى يىلى بىر ئىلگىرىكى يىلغا سېلېشتۇرغاندا %29 ئېشىپ،  126 مىليون 54 مىڭ دوللار لىقتاشقى پېرېۋوت كىرىمى بىلەن رېكورت يارىتىلغان.

ئانار ئېكسپورت مىقدارى نۇقتىسىدىن، 2019-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 23 ئېشىپ، 155 مىڭ 714 توننىدىن 192 مىڭ 6 توننىغا ئۆرلىگەن.

تۈكىيەنىڭ ئانار ئېكسپورتىدا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئۆتكەن يىللاردىكىگە ئوخشاشلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، 44 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق ئانار سېتىۋىلىش بىلەن 2020-يىلىمۇ ئالدىنقى بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىگەن.

گېرمانىيە 15 مىليون 200 مىڭ دوللارلىق ئانار سېتىۋىلىش بىلەن ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.

تۈركىيەنىڭ يېڭى مېۋە-چېۋە ساھەسىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېكسپورت بازارلىرىدىن بىرسى بولغان ئىراققىمۇ 2020-يىلى 12 مىليون 800 مىڭ دوللارلىق ئانار ئېكسپورت قىلىنغان.

ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە، پورتۇگالىيە، برۇنېي، پىل چىشى قىرغىقى، جىبۇتى، نىگېرىيە، توگو ۋە ماۋرىتانىيە 2020-يىلى تۈركىيەدىن ئانار ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر سىپىگە قوشۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر