لىمون ئېكسپورتى ئاشتى
ئۆتكەن يىلى (2020) يانۋار ئېيىدا 30 مىليون 275 مىڭ دوللار بولغان لىمون ئېكسپورتى، بۇ يىل (2021) يانۋار ئېيىدا 31 مىليون 418 مىڭ دوللارغا يەتتى.
1586116
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ 2021-يىلى يانۋار ئېيىدا لىمون ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلى (2020) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %3.77 ئېشىپ 31 مىليون 418 مىڭ دوللارغا يەتتى.
ئاقدېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلىنىڭ تۇنجى ئېيىدا تۇرۇنچگىل ئېكسپورتىدىن 128 مىليون دوللار تاشقى پېرېۋوت يارىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ %24.5 ى لىمون ئېكسپورتىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن.
بىلدۈرۈلىشىچە، ئۆتكەن يىلى (2020) يانۋار ئېيىدا 30 مىليون 275 مىڭ دوللار بولغان لىمون ئېكسپورتى، بۇ يىل (2021) يانۋار ئېيىدا 31 مىليون 418 مىڭ دوللارغا يەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.