پەكجان شىمالىي ماكېدونىيە ئىقتىساد مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن شىمالىي ماكېدونىيە ئىقتىساد مىنىستىرى كرېشنىك بېكتېشى بىلەن كۆرۈشتى.

1579857
پەكجان شىمالىي ماكېدونىيە ئىقتىساد مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە بىلەن شىمالىي ماكېدونىيە ئوتتۇرىسىدىكى  ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى، شۇنداقلا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2001 – يىلدىن بېرى كۈچكە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان، ھەمدە سودا مۇناسىۋەتلىرىگە مۇھىم تۆھپە قوشۇۋاتقان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى يېڭىلاش ۋە دائىرىسىنى خىزمەت ساھەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىش ئۈچۈن سۆھبەت باشلىنىشى قارارلاشتۇرۇلدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، سېلىنمىلارنىڭ كۆپەيتىلىشىگە چاقىرىق قىلىندى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇچرىشىشتا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قوشما ئىقتىسادىي كومىتېت يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشى ۋە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا بىر سېلىنما مۇنبىرى يىغىنى  ئۆتكۈزۈلۈشى توغرىلىقمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈرك شىركەتلىرىنىڭ شىمالىي ماكېدونىيەدە ئېنېرگىيە لايىھەلىرىگە تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشى مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر