ياۋروپاغا 70 مىليون دانە گۈل ئېكسپورت قىلىندى

تۈركىيەدىن 14-فېۋرال ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، رۇمېنىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق 22 دۆلەتكە 70 مىليون دانە كەسمە گۈل ئېكسپورت قىلىندى.

1579458
ياۋروپاغا 70 مىليون دانە گۈل ئېكسپورت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېزەك ئۆسۈملۈكلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسى مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل يىلماز، گۈل-چېچەك ئېكسپورتىدا ئۆتكەن يىلى (2020) غا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل (2021) ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئاشىق-مەشۇقلار كۈنى ئۈچۈن 70 مىليون دانە گۈل ئېكسپورت قىلدۇق. بۇنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 7 مىليون دوللارغا يېتىدۇ. ئۆتكەن يىلى 6 مىليون دوللار قىممىتىدە 60 مىليون دانە گۈل ئېكسپورت قىلغان ئىدۇق. بۇ يىل رېكورت سەۋىيەدە ئېشىش بولدى» دېدى.

ئۇ تۈركىيەدىن گوللاندىيەدىن باشقا، گېرمانىيە، رۇمېنىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە گۈل-چېچەك سېتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا تىرانسىپورتتا مەسىلە كۆرۈلۈۋاتقان كولومبىيە، ئېكۋادور قاتارلىق دۆلەتلەرنى، بىزدىن تەمىنلەۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر