ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا سودا مەركىزى قۇرۇلىدۇ
قازاقىستان-ئۆزبېكىستان چېگراسىدا قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا سودا مەركىزى» ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىشكە باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان باش مىنىستىرى ئەسقەر مامىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشىدە، سودا ۋە بىر گەۋدىلىشىش مىنىستىرى بەخىت سۇلتانوۋ، ئۆزبېكىستان بىلەن چېگرا رايوندا قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان سودا مەركىزىگە مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى، ھەمدە قازاقىستان-ئۆزبېكىستان چېگراسىدا قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا سودا مەركىزى» نىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سودا مەركىزى قۇرۇلىدىغان جاي ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قارارلاشتۇرۇلدى، بىز بىر پارچە يەر ئاجراتتۇق، ھازىر مەبلەغ سالغۇچى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتىمىز.»
ئۇ يەنە، مەركەزنىڭ قوشنا دۆلەت ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان سودىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 10 مىليارد دوللار ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.