تۈركىيە ئۇكرائىنالىق ساياھەتچىلەرنىڭ تۇنجى تاللاش ئوبيېكتى بولدى

«كوۋىد – 19» يۇقۇمى مەزگىلىدە بىخەتەر ۋە ساغلام ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە ئۇكرائىنالىق ساياھەتچىلەرنىڭ تۇنجى تاللاش ئوبيېكتى بولدى.

1573547
تۈركىيە ئۇكرائىنالىق ساياھەتچىلەرنىڭ تۇنجى تاللاش ئوبيېكتى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «كوۋىد – 19» يۇقۇمى مەزگىلىدە 750 مىڭ كىشى چەت ئەلگە ساياھەتكە چىققان ئۇكرائىنادا، تۈركىيە كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

ساياھەت ساھەسىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن 2019 – يىلى 2.5 مىليون كىشى چەت ئەلگە ساياھەتكە چىققان ئۇكرائىنادا، ئالدىنقى يىلى 750 مىڭ كىشى ساياھەتكە چىقتى، بۇلاردىن 560 مىڭ كىشى تۈركىيەدە ساياھەتتە بولدى، بولۇپمۇ ھەممىسى دېگۈدەك  ئانتاليانى تاللىدى.

بىخەتەر ساياھەت مۇلازىمىتى ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن بىخەتەر ۋە ساغلام ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان، ھەمدە ساياھەتچىلەرگە ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىۋاتقان شەھەر، ئۇكرائىنالىقلار ئۈچۈنمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ساياھەت مەركىزىگە ئايلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇكرائىنالىقلارنىڭ  2021 – يىللىق بېلەت زاكاس قىلىشى باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر