تۈركىيە ئاپتوموبىل ساھەسى جەھەتتە ياۋروپادا بەشىنچى ئورۇندا
ياۋروپا قىتئەسىدە 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، 25 دۆلەتتە جەمئىي 298 ئاپتوموبىل قوراشتۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بار بولۇپ، تۈركىيە 17 ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بىلەن 18 ياۋروپا دۆلىتىنى ئارقىدا قالدۇردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياسىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنى ئېكسپورت قىلىدىغان تۈركىيە ئاپتوموبىل سانائىتى، ئاپتوموبىل سېتىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ ياۋروپادا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.
ياۋروپا قىتئەسىدە ئەڭ كۆپ ئاپتوموبىل زاۋۇتى ياۋروپانىڭ پاراۋۇز دۆلىتى گېرمانىيەدە بولۇپ، 42 زاۋۇت بار. ئۇنىڭدىن قالسا، رۇسىيە بىلەن فىرانسىيەدە 31 دىن، ئەنگلىيەدە 30، ئىتالىيەدە 23، تۈركىيە بىلەن ئىسپانىيەدە 17 دىن زاۋۇت بار.
تۈركىيە 17دانە ئاپتوموبىل زاۋۇتى بىلەن 18 ياۋروپا دۆلىتىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ياۋروپا قىتئەسىدە ئەڭ كۆپ ئاپتوموبىل زاۋۇتى بار بەشىنچى دۆلەت بولۇپ قالدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۇنجى تۈركۈمدىكى رۇس ساياھەتچىلەر مۇغلاغا كەلدى
تۇنجى تۈركۈمدىكى رۇس ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان ئايروپىلان مۇغلادىكى بودرۇم ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

رۇسىيە تۈركىيەدىن تېخىمۇ كۆپ پەمىدۇر ئىمپورت قىلىشنى پىلانلىماقتا
رۇسىيە تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىدىغان پەمىدۇر مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تەييارلانماقتا