تۈركىيە 2020 – يىلى 16 مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 2020 – يىلى تۈركىيەنىڭ تەخمىنەن 16 مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئالدىنقى يىلى تۈركىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 15 مىليون 963 مىڭ 997 گە يەتكەن، بۇنىڭدىن 12 مىليارد 59 مىليون 320 مىڭ دوللار كىرىم قولغا كەلتۈرۈلگەن. ساياھەتچىلەرنىڭ كىشى بېشىغا قىلغان چىقىمى ئوتتۇرىچە 762 دوللار ئەتراپىدا بولغان.
ئەڭ كۆپ ساياھەتچى ئەۋەتكەن دۆلەت، 2 مىليون 128 مىڭ 758 كىشى بىلەن رۇسىيە بولغان. رۇسىيەدىن قالسا، 1 مىليون 242 مىڭ 961 كىشى بىلەن بۇلغارىيە 2 – رەتكە، 1 مىليون 118 مىڭ 932 كىشى بىلەن گېرمانىيە 3 – رەتكە تىزىلغان.
گېرمانىيەدىن قالسا، نۆۋەت بىلەن ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە، گىرۇزىيە، ئىراق، ئىران، فىرانسىيە ۋە گوللاندىيە كېيىنكى رەتلەرگە تىزىلغان.
تۈركىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەر نىسبىتىدە ئىستانبۇل شەھىرى بىرىنچى رەتكە، ئانتاليا، ئەدىرنە، مۇغلا ۋە ئارتۋىن نۆۋەت بىلەن كېيىنكى رەتلەرگە تىزىلغان.