ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى يانۋاردا ئايلىق نىسبەتتە % 1.6 ئېشىپ، 96.2 كە يەتتى.

1572908
ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يانۋار ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى يانۋاردا، 2020 – يىلى دېكابىر ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا % 1.6 ئېشىپ، 96.2 كە يەتكەن.

ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىشىغا، ئىستېمالچىلار ۋە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىشى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى يانۋاردا ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا % 4 ئېشىپ، 83.3 كە يەتكەن، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى بولسا% 2.9 ئېشىپ، 101.9 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر