ئامېرىكانىڭ تۇنجى ئايال مالىيە مىنىستىرى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ مالىيە مىنىستىرى نامزاتى جانېت يېللېن كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى.

1571968
ئامېرىكانىڭ تۇنجى ئايال مالىيە مىنىستىرى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يېللېننىڭ، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامالا ھاررىسنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 78 – مالىيە مىنىستىرى سۈپىتىدە قەسەم ئىچكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن، يېللېن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 231 يىللىق تارىخىدىكى مالىيە مىنىستىرى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن تۇنجى ئايال بولدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى، پىرېزىدېنت جو بايدىن تەرىپىدىن مالىيە مىنىستىرى ۋەزىپىسىگە نامزات كۆرسىتىلگەن ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ سابىق باشلىقى جانېت يېللېننى دۈشەنبە كۈنى تەستىقلىغانىدى.

تەجرىبىلىك ئىقتىسادشۇناس بولغان يېللېن، 2014 – يىلىمۇ ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ تۇنجى ئايال باشلىقى بولغانىدى.

مالىيە مىنىستىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىشى جەريانىدا، يېللېننىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئامېرىكالىق تۈرك دىدەم نىشانجى ئۆتەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر