يېللېن ئامېرىكانىڭ تۇنجى ئايال مالىيە مىنىستىرى بولدى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى پىرېزىدېنت جو بايدىن تەرىپىدىن مالىيە مىنىستىرى ۋەزىپىسىگە نامزات كۆرسىتىلگەن ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ سابىق باشلىقى جانېت يېللېننى تەستىقلىدى.
1571147

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا، 84 كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى يېللېننى قوللاپ، 15 كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى.
شۇنىڭ بىلەن، يېللېن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تارىخىدىكى مالىيە مىنىستىرى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن تۇنجى ئايال بولدى.
يېللېن، جۈمە كۈنىمۇ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقىنى ئالغانىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، مالىيە مىنىستىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىشى جەريانىدا، يېللېننىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئامېرىكالىق تۈرك دىدەم نىشانجى ئۆتەيدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيە 23 دۆلەتكە قارادېڭىز سالمون بېلىقى ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا 23 دۆلەتكە 3 مىڭ 980 توننا سالمون بېلىقى ئېكسپورت قىلدى.