تۈركىيە ئۆي - مۈلۈك سېتىش جەھەتتە يارۋوپادىمۇ رېكورت ياراتتى

ئۆتكەن يىلى تۈركىيە مىقياسىدىكى تۇرالغۇ سېتىش مىقدارى بىر يېرىم مىليونغا يېتىپ تارىخىي رېكورت ياراتتى.

1563627
تۈركىيە ئۆي - مۈلۈك سېتىش جەھەتتە يارۋوپادىمۇ رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۇرالغۇ سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا % 11.2 ئېشىپ، 2020- يىلى 1 مىليون 499 مىڭ 316 گە يەتكەن.

.ۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئەڭ يۇقىرى سان 2017- يىلىدا كۆرۈلگەن بولۇپ،  بىر مىليون 409 مىڭ 314 كە يەتكەنىدى.

ئۆي – مۈلۈك سېتىشىدا كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارىماي، ئالدىنقى ئەڭ يۇقىرى سانغا سېلىشتۇرغاندا %6.4 ئېشىش كۆرۈلدى. بۇ قېتىم بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئەڭ يۇقىرى ساندىن 90 مىڭ ئۆي ئارتۇق سېتىلغان بولدى.

داپ ياپى قۇرۇلۇش – ھۆددىگەرلىك شىركىتى مۇدىرى زىيا يىلماز بۇ ھەقتە توختىلىپ، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ سېتىشقا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيە 2020- يىلى تۇرالغۇ سېتىش سانىنى  %11.2 ئاشۇردى. بۇنداق ئېشىش نىسبىتى ياۋروپادىمۇ يوق. ئەكسىچە، ئىتالىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە %10 تىن %25 كىچە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. تۈركىيە ياۋروپادىكى ئۆي سېتىش رېكورتىنى بۇزغان بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر