تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىمەكتە
تۈركىيەدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى، 2020 - يىلى ئۆكتەبىردە 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 0.7 پوئىنت ئازىيىپ، %12.7 كە تۆۋەنلىدى.
1561143
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتى 2020- يىلى ئۆكتەبىر مەزگىلىگە ئالاقىدار خىزمەت كۈچى ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە مىقياسىدا 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئىشسىزلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2020 -يىلى ئۆكتەبىردە 391 مىڭ كىشى ئازىيىپ، 4 مىليون 5 مىڭ كىشىگە تۆۋەنلىگەنلىكى رۇيخەتكە ئېلىنغان. ئوخشاش مەزگىلدە ئىشسىزلىق نىسبىتى 0.7 پوئىنت ئازىيىپ، %12.7 كە تۆۋەنلىگەن.
دېھقانچىلىق سىرتىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 0.9 پوئىنت ئازىيىپ، %14.8 دەپ ھېسابلانغان.
بۇ ئايدا، 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياش ئىشسىزلارنىڭ نىسبىتى 0.4 پوئىنت ئازىيىپ، %24.9 كە تۆۋەنلىگەن. 15 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان ئىشسىزلارنىڭ نىسبىتى بولسا، 0.7 پوئىنت ئازىيىپ، %13 كە تۆۋەنلىگەن.