ماسك «دۇنيا بويىچە ئەڭ كاتتا باي» غا ئايلاندى

ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى تېسلا ۋە SpaceX شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دېرىكتورى ئېلون ماسك 188 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق بايلىقى بىلەن «دۇنيا بويىچە ئەڭ كاتتا باي» غا ئايلاندى.

1559690
ماسك «دۇنيا بويىچە ئەڭ كاتتا باي» غا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېسلا شىركىتىنىڭ پاي چەكلىرىنىڭ قىممىتى تۈنۈگۈن% 5 تىن ئارتۇق ئۆرلىشى، شىركەتنىڭ خوجايىنى ئېلون ماسكنى «دۇنيا بويىچە ئەڭ كاتتا باي 500 شەخس» ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا يۈكسەلدۈردى.

بىلۇمبېرگ مىلياردېرلار كۆرسەتكۈچىگە ئاساسلانغاندا، ماسك 188 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق بايلىقى بىلەن، 2017-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، «دۇنيا بويىچە ئەڭ كاتتا بايلار» تىزىملىدە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان، ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېزوسنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، بىرىنچى رەتكە تىزىلغان.

تېسلا شىركىتىنىڭ پاي چەكلىرىنىڭ قىممىتى يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆرلىشى، ماسكنىڭ بايلىقىنىڭ 150 مىليارد دوللار ئېشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. بۇ شىركەتنىڭ پاي چەكلىرى ئۆتكەن يىلى% 743 ئاشقان.

ماسك ئالدىنقى ئايدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېلېۋىزىيە سۆھبىتى جەريانىدا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ مال – مۈلۈككە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى، تېسلا ۋە SpaceX شىركەتلىرىدىكى پاي چەكلىرىدىن باشقا مال-مۈلۈكلىرىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بايلىقىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا سەپەر قىلىش مەدەنىيىتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغانىدى.

«دۇنيا بويىچە ئەڭ كاتتا باي 500 شەخس» نىڭ بايلىقلىرى، 2020-يىلى تەخمىنەن 1 تىرىليون 800 مىليارد دوللار ئېشىپ، جەمئىي 7 تىرىليون 600 مىليارد دوللارغا يەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر