نەمرۇت تېغى 530 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى
ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو (UNESCO) دۇنيا مەدەنىيەت تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان ئادىيامان ۋىلايىتى كاھتا ناھىيەسى چېگراسىدىكى نەمرۇت تېغى، بەش يىلدا 530 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان، مازارلىقلىرى، چوڭ ھەيكەللىرى بىلەن تونۇلغاندىن باشقا، دېڭىزدىن 2 مىڭ 150 مېتىر ئېگىزلىكى بىلەن «دۇنيادا قۇياشنىڭ چىقىشى ۋە پېتىشىنى ئەڭ ياخشى كۆرگىلى بولىدىغان جاي» دەپ بىلىنىدىغان نەمرۇت تېغى، ھەر يىلى مىڭلارچە ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ.
نەمرۇت تېغىدا كومماگەنە پادىشاھلىقىغا تەۋە ئېگىزلىكى 50 مېتىر، كەڭلىكى 150 مېتىر كېلىدىغان غايەت زور ھەيكەل بار.
نەمرۇت تېغىغا ياماشقان ساياھەتچىلەر تەخمىنەن 40 مىنۇت داۋاملىشىدىغان 800 مېتىرلىق يۈرۈشتىن كېيىن، تەڭداشسىز گۈزەل مەنزىرە بولغان قۇياشنىڭ چىقىشى ۋە پېتىشىنى تاماشا قىلالايدۇ.
نەمرۇت تېغىنى 2016-يىلى تەخمىنەن 50 مىڭ، 2017-يىلى 100 مىڭ، 2018-يىلى 130 مىڭ، 2019-يىلى 200 مىڭ، 2020-يىلى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 50 كىشى ساياھەت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە ئىقتىسادى % 2.1 تەرەققىي قىلدى
تۈركىيە ئىقتىسادى ئۇدا 17 پەسىلدىن بۇيان داۋاملىق تەرەققىي قىلماقتا.