خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى سېلىنما كېلىشىمى مۇزاىكىرىلىرىدە پۈتۈشۈش ھاسىل قىلدى

خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى 2014 - يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان سېلىنما  كېلىشىمى مۇزاىكىرىلىرىدە پۈتۈشۈش ھاسىل قىلدى.

1554850
خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى سېلىنما كېلىشىمى مۇزاىكىرىلىرىدە پۈتۈشۈش ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېز مىشېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىن يىغىنى ئارقىلىق «ياۋروپا-خىتاي رەھبەرلەر يىغىنى» ئۆتكۈزدى.

يىغىن ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇلىشىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاينىڭ ياۋروپالىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بازار ئېچىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، بۇ كېلىشىمنىڭ خىتاي دۆلەت شىركەتلىرىگە ئېنىق مەجبۇرىيەت يۈكلەيدىغانلىقى، مەجبۇرىي تېخنىكا يۆتكەش ۋە بازارغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى چەكلەيدىغانلىقى ۋە دۆلەت ياردىمىنىڭ تېخىمۇ ئاشكارا بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا ياۋروپا شىركەتلىرىگە خىتاي بازىرىدا رىقابەتلەشكەندە تېخىمۇ ئادىل مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر