تۈركىيە – ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىككى تەرەپلىك سودا ساھەسى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتى بولىدىغان ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1554155
تۈركىيە – ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزا مۇراسىمىغا ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشتىراك قىلغان تۈركىيە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدكى سودا ساھەسى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم ۋە تارىخىي بىر كۈننى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. بۇ كېلىشىم سايىسىدا، ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا قۇرۇلمىسىغا دائىر ھېچقانداق بىر ئېنىقسىزلىق قالمايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سودا ئىشلىرىمىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ. ئەركىن سودا كېلىشىمى تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ 25 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولىدا تۇنجى قەدەمنى تاشلاۋاتىمىز.»

مىنىستىر پەكجان، تەرەپلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن «بىتەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمى» نى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە بۇنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېلىشىمنىڭ پۈتكۈل سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، كېلىشىمنىڭ 1 – يانۋاردىن ئېتىبارەن كۈنگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە ۋاقىت جەھەتتىن ھېچقانداق زىيان كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كېلىشىم بولمىسا ئىدى، ئەنگلىيە بىلەن بولغان ئېكسپورتنىڭ تەخمىنەن % 75 تى باج يۈكىگە دۇچ كېلەتتى، شۇنىڭ بىلەن، تەخمىنەن 2.4 مىليارد دوللارلىق زىيان تارتقان بولاتتۇق. بۇ خىرىس شۇ تاپتا دەپئىي قىلىندى. ئەركىن سودا كېلىشىمى، تۈركىيە – ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن يېڭى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئالاھىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ كېلىشىم، مەۋجۇت سودا – ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ دائىرىسىنىڭ قوغدىلىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى نۇقتىسىدا ھۆكۈمەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق ئاڭ ۋە ئىرادىنىڭ نەتىجىسىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر