ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى تۇنجى ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تۈركىيە بىلەن تۈزىدۇ

ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمدىن كېيىنكى تۇنجى ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تۈركىيە بىلەن ئىمزالىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1553093
ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى تۇنجى ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تۈركىيە بىلەن تۈزىدۇ
İngiltere Ticaret Bakanı Liz Truss.jpg
ingiltere.jpg
ingiltere.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى تەرەپنىڭ كېلەر ھەپتە كېلىشىمگە ئىمزا قويىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېڭى بەلگىلىمىنىڭ لوندون بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت سودا تەرتىپىنى ساقلاپ قېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئەنگلىيە سودا مىنىستىرى لىز ترۇس پات يېقىندا يەنە، تۈركىيە بىلەن ئېھتىياجلارغا ئاساسەن تەييارلانغان يېڭى بىر كېلىشىم ئىمزالاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1 - يانۋاردىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىدىغان ئارال دۆلىتى ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان چېغىدا تەرەپ بولغان سودا كېلىشىملىرىنى يېڭىلىماقتا.

ئەنگىلىيە سودا مىنىستىرى ترۇس: «بىز بۇ كېلىشىمنىڭ تاموژنىسىز سودىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ كېلىشىم ئەنگىلىيە توقۇمىچىلىق، ئاپتوموبىل سانائىتى ۋە پولات-تۆمۈر سانائىتى ساھەسىدىكى مىڭلىغان كىشىگە نىسبەتەن خىزمەت كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئەنگلىيە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى 2019 - يىلى 18 مىليارد 600 مىليون فوندستېرلىڭغا يەتكەن.

مىنىستىرلىق، ياپونىيە، كانادا، شىۋېيېتسارىيە ۋە نورۋېگىيەدىن كېيىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەشىنچى چوڭ سودا كېلىشىمىنى تۈركىيە بىلەن ئىمزالىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەنگلىيە ھازىرغىچە 62 دۆلەت بىلەن سودا ئىشلىرىدا قول سىقىشقان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر