فاتىھ دۆنمەز: يەرلىك تېخنىكالاردا خۇش خەۋەرلەر داۋاملىشىدۇ

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز يەرلىك تېخنىكالاردا خۇش خەۋەرلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1553009
فاتىھ دۆنمەز: يەرلىك تېخنىكالاردا خۇش خەۋەرلەر داۋاملىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز تىۋىتتېر ھېسابىدا لىتىي كاربوناتنىڭ ئىشلىتىلىش ساھەلىرى چۈشەندۈرۈلگەن 1 مىنۇتلۇق سىنلىق ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

فاتىھ دۆنمەز: «بىز ئىشلەپچىقارغان #يەرلىك لىتىي ئارقىلىق بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكا باتارېيەلىرىدە، بولۇپمۇ ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىل، تاختا كومپيۇتېر ۋە تېلېفونلاردا دەۋر بۆلگۈچ  قەدەملەرنى  تاشلايمىز. يەرلىك تېخنىكىلاردا خۇش خەۋەر كېلىش داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئەسكىشىھىرنىڭ سېيىتغازى ناھىيەسى كىركا رايونىدا %100 يەرلىك تەتقىقات ۋە تەرەققىيات خىزمەتلىرى ئارقىلىق بور ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھاسىل بولغان سۇيۇق تاشلاندۇقلاردىن لىتىي ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولدى.

 بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن لىتىي ئىشلەپچىقىرىش «Eti Maden» شىركىتىگىلا خاس بولۇپ، دۇنيادا تۇنجى ئىش ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر