باغداتنى موسۇلغا تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەسىنى تۈركىيەگىچە ئۇزارتىش لايىھەسى باشلاندى

ئىراق قاتناش مىنىستىرى ناسىر بەندەر، باغداتنى موسۇلغا تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەسىنى تۈركىيەگىچە ئۇزارتىش لايىھەسىنىڭ  باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1549010
باغداتنى موسۇلغا تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەسىنى تۈركىيەگىچە ئۇزارتىش لايىھەسى باشلاندى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىراق قاتناش مىنىستىرى ناسىر بەندەر ئىراق ئاگېنتلىقى «INA» غا بەرگەن باياناتىدا، باغداتنى موسۇلغا تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ رېمونت قىلىش ۋە تۈركىيەگىچە ئۇزارتىش لايىھەسىنىڭ تۇنجى باشقۇچلۇق خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

موسۇل ۋالىيسى نەجىم ئەل جۇبۇرى 20 - سېنتەبىردە ئېلان قىلغان باياناتىدا، موسۇل ۋىلايىتىدىن تۈركىيە چېگرىسىغىچە زامانىۋى تۆمۈر يول لىنىيەسى ياسىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە كىرىپ - چىقىشلار ئۈچۈن ئومۇمەن ھابۇر-ئىبراھىم خەلىل چېگرا ئېغىزى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر