ئوپېك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى-ئوپېك (OPEC) بىلەن بەزى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن «+ئوپېك» گۇرۇپپىسى، يانۋار (2021) ئېيى ئۈچۈن كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 500 مىڭ ۋارىل كۆپەيتىش قارارىنى ئالدى.

1539334
ئوپېك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «+ئوپېك» گۇرۇپپىسىغا ئەزا 23 دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە نېفىت مىنىستىرلىرىنىڭ سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن 1-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى ئاخىرلاشتى.

ئوپېك يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، «+ئوپېك» گۇرۇپپىسى دۆلەتلىرى مىنىستىرلىرىنىڭ بازار ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يانۋار (2021) ئېيىدىن باشلاپ ھەر ئاي پىلانلىق ھالدا توپلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېشىشىنىڭ كۈنلۈكى 500 مىڭ ۋارىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىك شەكلىدە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئاپرېل ئېيى (2020) تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە، 1-ئىيۇلدىن 31-دېكابىرغىچە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۈنلۈكى 7.7 مىليون ۋارىلغا چۈشۈرۈشنى قارار قىلغان «+ئوپېك» گۇرۇپپىسى، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن مەزكۇر قارارنى بىر ئاي كېچىكتۈرۈپ 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان ئىدى.

كېلىشىم بويىچە، 2021-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۈنلۈكى 2 مىليون ۋارىل ئازايتىشى كېرەك بولاتتى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر