بايدىن يېلېننى مالىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان جو بايدىن، مالىيە مىنىستىرلىقىغا ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ سابىق باشلىقى جانېت يېلېننى تەيىنلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1538157
بايدىن يېلېننى مالىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن ۋاشىنگتوندا يىغىن چاقىرىپ، ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلىدە ئىقتىسادقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان خادىملار ۋە ئۆزىگە ئىقتىسادىي ساھەدە مەسلىھەت بېرىدىغان كىشىلەرنى تونۇشتۇردى.

ئامېرىكا خەلقىگە «ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان»لىقى ۋە «ياردەم بېرىشنىڭ يولدا» ئىكەنلىكى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن جو بايدىن، ئامېرىكا پالاتاسىنى ئىقتىسادىي ياردەم پىلانى قانۇنىنى دەرھال ماقۇللاشقا چاقىردى.

ئامېرىكانى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كىرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم قىلىدىغان «بىرىنچى دەرىجىلىك» ۋە «تەجرىبىلىك» ئىقتىسادىي گۇرۇپپا قۇرۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن بايدىن، مالىيە مىنىستىرلىقىغا  ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ سابىق باشلىقى جانېت يېلېننى تەيىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جانېت يېلېن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن تەقدىردە، دۆلەت تارىخىدىكى بۇ مەنسەپكە تەيىنلەنگەن تۇنجى ئايال بولىدۇ.

بايدىن ئاقساراي خامچوت ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورلۇقىغا ئەسلى ھىندىستانلىق ئامېرىكا پۇقراسى نېرا تاندېننى، ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە كېسىلىئا روزنى تەيىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر