پۇتىن: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 10 مىليون ئادەم يوقسۇللۇق خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 10 مىليون كىشىنىڭ يوقسۇللۇق خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1531773
پۇتىن: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 10 مىليون ئادەم يوقسۇللۇق خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن، ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق قاتناشقان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادنىڭ يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە تەخمىنەن % 15 كەينىگە چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تىجارەت ساھەسىدىكى مۇھىم ئويۇنچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقمۇ بارغانسېرى زورايماقتا. <ۋۇخەن ۋىرۇسى> سەۋەبىدىن يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادنىڭ بۇ يىل ئوتتۇرىچە % 4.4 كەينىگە چېكىنىپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە. <ۋۇخەن ۋىرۇسى> سەۋەبىدىن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە يوقسۇللۇقنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ئادەمنى قاتتىق ئەندىشەگە سالىدۇ. نۆۋەتتە  4 مىليون ئادەم يوقسۇللۇق خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇنداق قىيىن شەرت – شارائىتلاردا، ئەمەلىيەتكە ماسلىشىپ ئىش كۆرۈش ئاقىلانىلىك، دەپ قارايمەن. خەلقئارا جامائەتچىلىك، مەۋجۇت قىيىن ئۆتكەلدىن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۆتەلىشى مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر