ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى باشلاندى

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى مالايشىيانىڭ ساھىبخانىلىقىدا باشلاندى.

1530483
ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا باش مىنىستىرى مۇھيىددىن ياسىن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن تور مۇھىتى ئاستىدا چاقىرىلغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، يەر شارى خاراكتېرلىك «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىدىن كېيىنكى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قايتا شەرھلەنگەن بىر ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسى، رايوننىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدىغان بىر قاتار مۇھىم نۇقتىلارغا ئاساسەن  ئېنىق بېكىتىلىشى كېرەك. مېنىڭچە، بۇ مۇھىم نۇقتىلار، ئەركىن سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، رايونلۇق ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش ۋە ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىقىدۇر. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يەر شارى خاراكتېرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 60 تىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> دىن كېيىنكى باسقۇچتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. نۆۋەتتە بىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق مۇھىتى ئاستىدا چوقۇم ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ سودا قىلىشىمىز ۋە مەبلەغ سېلىشىمىز كېرەك.»

ئۇ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمى مەزگىلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەر ۋە چارە – تەدبىرلەرنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۈچۈن تارىخىي بىر مەسئۇلىيەت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1989-يىلى ئاۋىستىرالىيە، برۇنېي، كانادا، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، مالايشىيا ، يېڭى زېلاندىيە، فىلىپپىن، سىنگاپور، جەنۇبىي كورېيە، تايلاند ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇنبىرى، رايوندىكى سودا قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سودا تورلىرىنى قۇلايلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.

خىتاي، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن 1991-يىلى، مېكسىكا ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى 1993-يىلى، چىلى 1994-يىلى، پېرۇ، روسىيە ۋە ۋېيتنام 1998 – يىلى ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 21 ئەزاسى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر