ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىجازەتنامە ئالدى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى يادرو ئېنېرگىيە ئىستانسىسى ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ئۈچىنچى قۇرۇلۇش ئىجازەتنامىسى ئالدى.

1530518
ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىجازەتنامە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى گۇرۇھى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، شىركەتنىڭ 2019-يىلى 28-مارت سۇنغان  ئىلتىماسىنى تەكشۈرگەن يادرو نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى، 13-نويابىر كۈنى، ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئۈچىنچى ئېنېرگىيە سېخىنىڭ قۇرۇلۇش ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلىغان.

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، چەكلىك خىزمەت ئىجازەتنامىسىنىڭ تەستىقلىنىشىدىن كېيىن، ئۈچىنچى ئېنېرگىيە سېخىدا،  رېئاكتور ۋە تۇربىنا بىناسى قاتارلىق يادرو بىخەتەرلىكى دائىرىسىدىكى بارلىق قۇرۇلمىلار ۋە يادرو بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سىستېما ۋە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتى باشلىنىدىكەن.

مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىش دوكلاتى، توك تارقىتىش ئىجازەتنامىسى، بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئىجازەتنامىسى ۋە شەرقىي يۈك توشۇش تېرمىنالىنىڭ ۋاقىتلىق تىجارەت كىنىشكىسى قاتارلىق ئاساسلىق ئىجازەتنامە ۋە رۇخسەتنامىلەر تاماملانغان بۇ لايىھەدە، تۆتىنچى ئېنېرگىيە سېخىنىڭ قۇرۇلۇش ئىجازەتنامىسى ئۈچۈن، 12-ماي كۈنى يادرو نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىغا سۇنۇلغان ئىلتىماسنىڭ تەكشۈرۈش باسقۇچى بولسا، داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر