خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 83 دۆلەتكە ئىقتىسادىي ياردەم بەردى

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، 2020 – يىلى 83 دۆلەتكە 165 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1529022
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 83 دۆلەتكە ئىقتىسادىي ياردەم بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ 2020 – يىللىق دوكلاتىنى «مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر يىل» دېگەن تېما ئاستىدا ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك تۇرغۈنلۇققا دۇچ كەلگەنلىكى خاتىرىتىلىپ ئۆتۈلدى.
ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە ئېغىر تۇراقسىزلىقلارنىڭ بارلىقى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق، ئىشسىزلىق، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تېخنولوگىيە ۋە ئاپتوموبىل ساھەسى، رەقەملىك پۇل بىرلىكلىرىنىڭ كۈچىيىشى، ئېغىرلىشىۋاتقان قەرز قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا پەۋقۇلئاددە تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
دوكلاتتا، ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە قارشى ئىقتىسادقا ھەمدەم بولۇش ئۈچۈن جەسۇر قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىپ، 12 تىرىليون دوللارغا يېقىن مالىيە ۋە 7 يېرىم تىرىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي قەدەمنىڭ تاشلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسقا قارىتا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى تاشلىغان قەدەملەرگە دائىر مەلۇماتلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن دوكلاتتا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ 2020 – يىلى كىرىمى تۆۋەن 49 دۆلەتكە بېرىلگەن 16 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق ئىمتىيازلىق مالىيە ياردىمىنى قوشقاندا جەمئىي 83 دۆلەتكە 165 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكى تەكىتلەندى.
دوكلاتتا، 129 دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۆزىتىش ئەھۋالىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر