تەكىرداغدىن ياۋروپاغا تۇنجى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى

تەكىرداغدىن ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىققان تۇنجى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئۇزىتىپ قويدى.

1527583
تەكىرداغدىن ياۋروپاغا تۇنجى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، تۇنجى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىنى، تەكىرداغنىڭ مەدلوگ پويىز ئىستانسىسىدىن بۇلغارىيەگە ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئېكسپورت – ترانسپورت پويىزى تەكىرداغ ئازاد قىلىنغان مۇھىم بىر كۈندە - 13 – نويابىردا شەھىرىمىزدىن بۇلغارىيەگە قاراپ يولغا چىقتى. شەھىرىمىزنىڭ ۋە دۆلىتىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا ناھايىتى زور رول ئوينايدىغان ئېكسپورت – تىرانسپورت پويىزىمىزنىڭ  ئېلىمىز ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.»

ئىگىلىنىشىچە، چېگرا ئېغىزلىرىدىكى قىستاڭچىلىق ۋە تاموژنا ئېغىزلىرىدىكى ئاقساقلىقلارغا خاتىمە بېرىلىدىغان ئېكسپورت – ترانسپورت پويىزىنىڭ تىرانزىت ئۆتۈشى بىلەن، چەت ئەل پۇلىنىڭ كېمىيىپ كېتىش ئەھۋالىغىمۇ خاتىمە بېرىلىشى پىلانلانماقتا ئىكەن. 27 ۋاگونلۇق ئېكسپورت – ترانسپورت پويىزىنىڭ ۋاگون سانىنى 300 گە يەتكۈزۈش نىشان قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر