تۈركىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىندېكسى ئاشتى

سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىندېكسى سېنتەبىر (2020) ئېيىدا %1.7، يىللىق نىسبەتتە %8.1 ئاشتى.

1527271
تۈركىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىندېكسى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى سېنتەبىر ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىندېكسى نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، سېنتەبىر ئېيىدا سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىندېكسى ئالدىنقى ئاي (2020-يىلى ئاۋغۇست) غا سېلىشتۇرۇلغاندا %1.7 ئاشقان. ئۆتكەن يىلى (2019) نىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرۇلغاندا بولسا %8.1 ئاشقان. يىللىق نىسبەتتە %11.17 ئاشقان.

سېنتەبىر ئېيىدا كانچىلىق ۋە تاشچىلىق ساھەسىنىڭ ئىندېكسى ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرۇلغاندا %3.2، ياساش سانائىتى ساھەسىنىڭ ئىندېكسى %1.4، ئېلېكتىر، گاز، پار، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش ساھەسىنىڭ ئىندېكسى %4.2 ئاشتى.

سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىندېكسى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن ياۋروپادا ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان دۆلەت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر