تۈركىيە ئىقتىسادى ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلىدە ئاشقان

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەب بولغان كىرىزىس دۇنيا ئىقتىسادىنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتىدىكى ئېشىشتا ئوتتۇرىغا چىققان يوشۇرۇن كۈچ دىققەت قوزغىدى.

1524326
تۈركىيە ئىقتىسادى ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلىدە ئاشقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىقتىسادقا تەھدىت سالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقلارغا سەۋەب بولدى. نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قېلىش نۇقتىسىغا كەلدى، بەزى پارچە سېتىش ماگېزىنلىرى تاقالدى. دۇنيا مىقياسىدا بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە تەخمىنەن 500 مىليون ئىش ئورنى يوقالدى.

خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلىدە نىسبەتەن «ئىقتىسادى ئاشقان» دۆلەت، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى «ئىقتىسادى چېكىنگەن» دۆلەتلەر بولدى.

مەركىزى زۇرىخقا جايلاشقان سېلىنما بانكاسى (UBS) نىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ يەر شارى ئىقتىسادى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھەسسى 2019-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە تەخمىنەن %9 ئاشىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يەر شارى ئىقتىسادىدىكى ھەسسى 2019-2021-يىلى ئارىسىدا %3.5 تۆۋەنلەيدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەن ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۆۋەنلەيدىكەن.

تۈركىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلىدە ئىقتىسادى ئاشقان دۆلەتلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان. ئامېرىكا بولسا، كېلەر يىلىمۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالىدىكەن.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر