تۈركىيەنىڭ لىمون ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ لىمون ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %80 دىن ئارتۇق ئاشقان.

1513284
تۈركىيەنىڭ لىمون ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ سېنتەبىر (2020) ئېيىدىكى لىمون ئېكسپورتى ئۆتكەن يىل (2019) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، مىقدار بويىچە ھېسابلىغاندا %81، قىممىتى جەھەتتىن ھېسابلىغاندا %107 ئاشتى.

ئاقدېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئېيىدا 27 مىڭ توننا لىمون ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %81 ئېشىپ 49 مىڭ توننا ئېكسپورت قىلىنغان.

بۇ مەزگىلدە ئۆتكەن يىلى تەخمىنەن 14 مىليون دوللار تاشقى پېرېۋوت ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل %107 ئېشىپ تەخمىنەن 29 مىليون دوللار قىممىتىدە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنغان.

لىمون ئەڭ كۆپ ئىراققا ئېكسپورت قىلىنغان. ئىراقتىن كېيىن، پولشا، رۇسىيە، رۇمېنىيە ۋە سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغان. سېنتەبىر ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە قىلىنغان لىمون ئېكسپورتىدىمۇ ئېشىش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر