بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ چارىكىدە 110 دۆلەتكە ئائىلە ئاپتوموبىلى ئېكسپورت قىلىندى

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاپتوموبىل شىركەتلىرى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى چارىكىدە 6 مىليارد 408 مىليون 545 مىڭ دوللارلىق ئائىلە ئاپتوموبىلى ئېكسپورت قىلدى.

1513241
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ چارىكىدە 110 دۆلەتكە ئائىلە ئاپتوموبىلى ئېكسپورت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇلۇداغ ئاپتوموبىل سانائىتى ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، خۇسۇسەن بۇرسا، ساكاريا ۋە كوجائەلى رايونلىرىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ۋەكىللىرى 1- ئايدىن 9- ئايغىچە بولغان جەرياندا 110 دۆلەتكە ئائىلە ئاپتوموبىلى ساتقان.

ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت بازالىرى تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئورۇن ئالىدىغانلىقى، ئەڭ كۆپ ئاپتوموبىلنىڭ فىرانسىيەگە ئېكسپورت قىلىنغانلىقى، مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 9 ئېيىدا فىرانسىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ  1 مىليارد 13 مىليون 794 مىڭ دوللارغا يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

تىزىملىكنىڭ ئىككىنچى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئەنگلىيەگە 594 مىليون 115 مىڭ، ئۈچىنچىسى بولغان گېرمانىيەگە 592 مىليون 487 مىڭ دوللارلىق ئاپتوموبىل سېتىلدى.

ئائىلە ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى مەزكۇر جەرياندا ئىتالىيەگە 527 مىليون 115 مىڭ، ئىسپانىيەگە 456 مىليون 295 مىڭ، ئىسرائىلىيەگە 365 مىليون 23 مىڭ، پولشاغا 303 مىليون 632 مىڭ، سلوۋېنىيەگە 299 مىليون 608 مىڭ، بېلگىيەگە 284 مىليون 874 مىڭ دوللارلىق ئاپتوموبىل ساتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر