ئوپېك+ گۇرۇپپىسى «ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كېلىشىمى» گە تولۇق ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېك ۋە ئوپېكقا ئەزا بولمىغان بىر قىسىم نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان ئوپېك+ گۇرۇپپىسى، 4- ئايدا ماقۇللانغان «ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كېلىشىمى» گە تولۇق ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1512203
ئوپېك+ گۇرۇپپىسى «ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كېلىشىمى» گە تولۇق ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوپېك + گۇرۇپپىسىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە ۋە نېفىت مىنىستىرلىرىنىڭ 23 – نۆۋەتلىك ئورتاق مىنىستىرلار نازارەت قىلىش كومتېتى تېلېۋىزىيە يىغىنى ئاخىرلاشتى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ، يىغىندا تېخنىكىلىق ئىشلارغا مەسئۇل كومىتېتنىڭ ئايلىق دوكلاتى بىلەن بىرلىكتە نېفىت بازىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە 2021-يىلىغا ئالاقىدار پەرەزلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئوپېك + گۇرۇپپىسىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ  ئاپرېل ئېيىدا ماقۇللانغان ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كېلىشىمىنىڭ بازارغا ئىجابىي تۆھپە قوشقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، «نازارەت قىلىش كومىتېتى، 2020 – يىلى دېكابىرغىچە بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ (كېلىشىم دائىرىسىدە) ۋەدىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ۋە كومېتىتقا سۇنۇلغان تۆلەم پىلانىنى تولۇق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئوپېكنىڭ كېلەر قېتىملىق ئورتاق مىنىستىرلار نازارەت قىلىش كومتېتى يىغىنى 11-ئاينىڭ 17- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.


خەتكۈچ: #نېفىت , #ئوپېك , #opec

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر