پىتسوس ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنى گىرېتسىيەدىن تۈركىيەگە يۆتكەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنى گىرېتسىيەدە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان Bosch Siemens Hausegerate شىركىتى - پىتسوسنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنى تۈركىيەگە يۆتكەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1509267
پىتسوس ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنى گىرېتسىيەدىن تۈركىيەگە يۆتكەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوش سىئېمېنس ھاۋسگېرېيت - پىتسوس بايانات بېرىپ، 31 – ئۆكتەبىردە گىرېتسىيەدىكى ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىنى تۈركىيەدە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1865- يىلى گىرېتسىيەدە قۇرۇلغان، ئاساسلىقى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان پىتسوس، 2015- يىلى 1- يانۋاردا بوش ۋە سىمېنس بىرلەشمە گەۋدىسىگە 3 مىليارد ياۋروغا سېتىلغانىدى.

ئاپتوموبىل شىركىتى BMW ۋە Daimler لارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى Free Now Group مۇ 28- فېۋرالدا گىرېتسىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانىدى.

تەييار تاماق شىركىتى Pizza Hut  بولسا، 30 - ئىيۇلدا گىرېتسىيەدىكى 17 دۇكىنىنى تاقىۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر