خوڭكوڭ ئامېرىكانىڭ ماركا شەرتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا «خىتاي مەھسۇلاتى» دېگەن ماركىنى بېسىش شەرتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1509534
خوڭكوڭ ئامېرىكانىڭ ماركا شەرتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا، خوڭكوڭ ۋەكىلى لاۋرى لو ۋاشىنگتون ھكۈمىتىدىن مەزكۇر شەرتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

لاۋرى لو ئامېرىكانى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ۋەدىسىدە تۇرۇشقا، تەشكىلاتنىڭ ماركا تەۋەلىكى مەسىلىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنۇشقا چاقىردى.

ئۇ سېنتەبىر (2020) دە ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىگە مەزكۇر شەرتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغانلىقلىرىنى، بىراق ھازىرغىچە جاۋاب ئالالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، خوڭكوڭ كارخانىچىلىرى مەھسۇلاتىغا ئۆز ماركىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى چاپلىشىنىڭ ئورنىغا، «خىتاي مەھسۇلاتى» دېگەن سۆز بار ماركىنى قويۇشقا مەجبۇرلانغان ئەھۋالدا، ئىختىلاپنى ھەل قىلش ئۈچۈن تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يولغا قويغان يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خوڭكوڭدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا «خىتاي مەھسۇلاتى» دېگەن سۆز بار ماركىنى بېسىشنى مەجبۇرىي يولغا قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

مەزكۇر تەدبىرنىڭ، خوڭكوڭنىڭ «ئالاھىدە سودا سالاھىيىتى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش رامكىسىدا يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن (2020-يىلى 14-ئۆكتەبىر) بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئايرىم تاموژنا رايونى بولۇش سالاھىيىتىنى يوق ھېسابلىغانلىقىنى، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپتىكى شىركەتلەر ۋە خېرىدارلار ئۈچۈن كېرەكسىز يۈك بولۇشقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر