ئامېرىكادىكى كوۋىد-19 يۇقۇمى، ئامېرىكىلىق مىلياردېرلارنىڭ ئىشىغا يارىدى

ئامېرىكادىكى كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە ھەر 4 ئامېرىكىلىق مىلياردېرنىڭ 3 ى (يەنى %75 ى) بايلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.

1508712
ئامېرىكادىكى كوۋىد-19 يۇقۇمى، ئامېرىكىلىق مىلياردېرلارنىڭ ئىشىغا يارىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «خۇففىڭتون پوست» خەۋەرلەر تور بېتى رەتلەپ چىققان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە داڭلىق ئامېرىكىلىق مىلياردېرلارنىڭ مال-مۈلۈكنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە «كوۋىد -19 دىن ئامېرىكىلىق مىلياردېرلارغا ئوخشاش ھېچكىشى پايدا ئالالمىدى» دېيىلدى ۋە بايلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان داڭلىق مىلياردېرلار مىسال كۆرسىتىلدى.

ئامازون شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى جېف بېزوسنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئەسلىدىكى  113 مىليارد دوللار بولغان بايلىقىنى يۇقۇم مەزگىلىدە 73 مىليارد دوللار ئاشۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تېسلانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دېرىكتورى ئېلون ماسكنىڭ بۇ جەرياندا 25 مىليارد دوللارلىق بايلىقىنى 92 مىليارد دوللارغا يەتكۈزگەنلىكى، نيۇ-يوركنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى سودىگەر مىچەل بىلۇمبېرگ ۋە كوچ سانائەت شىركىتىنىڭ خوجايىنى چارلېز كوچنىڭمۇ تەخمىنەن 7 مىليارد دوللار بېيىغانلىقى قەيت قىلىندى.

فېيسبۇكنىڭ قۇرغۇچى ۋە خوجايىنى مارك زۇكېربېرگنىڭمۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بايلىقىغا 54 مىليارد دوللار قوشۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەرلەردە، ۋىرۇس يۈزىسىدىن كىشىلەرنىڭ ئۆيىدىن چىقالماس بولۇپ قىلىشى سەۋەبىدىن ئامازون، فېيسبۇك، گۇگۇل، تېسلا ۋە مىكروسوفت قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ پايدا نىسبىتىنى بىۋاسىتە ئۆستۈرگەنلىكى، نۇرغۇنلىغان مىلياردېرلارنىڭمۇ يۇقۇم مەزگىلىدە ئىقتىساد تۆۋەنلەۋاتقانلىقىغا قارىماي، پاي بازىرىدىكى ئېشىشلاردىن نەپ ئالغانلىقى تەكىتلەندى.

يۇقۇم جەريانىدا كىرىم تەقسىماتىدىكى باراۋەرسىزلىك كۈچەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بۇنىڭدا باج قانۇنىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە مىلياردېرلارنىڭ %80 كە يېقىنىنىڭ 1980 - يىللىرىدىن باشلاپ، باج تاپشۇرۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولىشىنىڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر