دۇنيا بانكاسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىدۇ

دۇنيا بانكاسىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورلىرى كېڭىشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىنالىرىنى سېتىۋېلىش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىغا مالىيە جەھەتتىن ياردەم قىلىش مەقسىتىدە 12 مىليارد دوللار ئاجرىتىشنى تەستىقلىدى.

1508900
دۇنيا بانكاسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكاسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى سېتىۋېلىش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈملۈك ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرىغا ئېرىشەلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلىپ، مالىيە ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، دۇنيا بانكاسىنىڭ باشلىقى داۋىد مالپاس (David Malpass) نىڭ، «بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك ۋاكسىنالار بىلەن كۈچەيتىلگەن تارقىتىش سىستېمىسىغا ئېرىشىش، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاچقۇچى. ئىقتىسادىي ۋە مالىيە جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ياردەمچى بولىدۇ» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر