ئامېرىكا ئىراننىڭ 13 بانكىسىنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چەت ئەللىكلەرنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى، ئىراننىڭ 18 بانكىسىنىڭ «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1506084
ئامېرىكا ئىراننىڭ 13 بانكىسىنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چەت ئەللىكلەرنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىن،  شۇنداق قارار چىقىرىلىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ، ئىراننىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا قانۇنسىز ھالدا ئېرىشىشىنى توختىتىش ۋەدىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئېمبارگو پىروگراممىلىرىمىز، تاكى ئىران تېرورلۇق پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىشنى توختاتقانغا ۋە يادرو پىروگراممىلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بولسا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران بانكىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھاكىمىيىتىئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇرغان بانكىلار، ئىراننىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا سودىسىدا ئىشلىتىلمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> مەزگىلىدە يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا قەرزلىرىنى تۆلەش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان قاناللىرىمىزنى ۋەيران قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئىرانلىقلار بۇ ئاخىرقى زۇلۇمدىنمۇ قۇتۇلىدۇ. بىر خەلقنى ئاچارچىلىققا مەھكۇم قىلىشتىن ئىبارەت سۇيىقەستلىك پىلان، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر. پۇلىمىزغا توسالغۇ شەكىللەندۈرۈۋاتقان جىنايەتچىلەر ۋە بۇنىڭغا يول قويغۇچىلار ئادالەت بىلەن يۈزىلىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر