دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كەينىگە چېكىنىپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» كىرىزىسى سەۋەبىدىن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل 4.4 كەينىگە چېكىنىپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە.

1505318
دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كەينىگە چېكىنىپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادىي تەتقىقات ئورنى بىلەن ياۋروپا ئىقتىسادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە سىياسىتى تەتقىقات ئورگىنى تەرىپىدىن، 110 دۆلەتتە 950 ئىقتىساد مۇتەخەسسىسىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان، «دۇنيا ئىقتىسادى: <ۋۇخەن ۋىرۇسى> كىرىزىسىدىن يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش يولىغا نەزەر» سەرلەۋھىلىك راي سىناش نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئىقتىسادشۇناسلار، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» كىرىزىسى سەۋەبىدىن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل 4.4 كەينىگە چېكىنىپ كېتىدىغانلىقىنى كۈتمەكتە ئىكەن.

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى، كەينىگە چېكىنىشىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاستا بولىدىكەن. كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» كىرىزىسىدىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە قايتىشى 2022 – يىلغىچە داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر